Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 شۇنىڭ بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلار يىغىلىپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:3
11 Referans Kwoze  

چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ.


بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ.


ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.


ئاندىن ئۇ ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى تىكلەنگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئەمر قىلدى.


شۇ چاغدا جاكارچى يۇقىرى ئاۋازدا: «ئەي ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! بۇ سىلەرگە جاكارلانغان پەرماندۇر.


ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرى، بەدىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite