Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ياكى خەلق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان خۇدادىن باشقا خۇدا يوقتۇر، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:29
17 Referans Kwoze  

پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.


ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاشقا ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر.


ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.


ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ


يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى، كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم شۇ لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇلسۇن.


ۋەيران قىلدى ۋە بۇتخانىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن بېرى كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.


ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.


پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى.


ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.


ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.


ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال يەنىلا پادىشاھنىڭ يېنىدا قالدى.


ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار، يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى. ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.


دانىيال دارىئوس پادىشاھنىڭ زامانىدا ۋە پېرسىيەلىك كورەش پادىشاھ بولغان زاماندا مەرتىۋىلىك ياشىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite