Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرى، بەدىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:27
17 Referans Kwoze  

سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.


دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.


ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! - دېدى.


سىلەرگە كەلسەك، ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»


شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەن باغلىنىپ، تون، تامبال، باش كىيىم ۋە باشقا ئېگىنلىرى بىلەنلا ئوتقا تاشلاندى.


بۇ ئىشلاردىن ئاگرىپا خاننىڭمۇ خەۋىرى بار. شۇڭا، مەن خانغا ئوچۇق ئېيتالايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاننىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بولغان ئىشلار ئەمەستە!


پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن».


پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر سولانغان ئورەكدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلدى، ئۇ ساق-سالامەت ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى.


ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite