23 بۇ ئۈچەيلەن، يەنى شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار باغلاقلىق پېتى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتقا تاشلاندى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.
كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.
سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.
ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تۇيۇقسىز ھەيران بولۇپ سەكرەپ كەتتى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن: _ بىز ئۈچ ئادەمنى باغلاپ ئوتقا تاشلىغان ئەمەسمىدۇق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دېدى.