Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 پادىشاھ خۇمداندىكى ئوتنى ئۇلغايتىشقا قاتتىق بۇيرۇق قىلغاچقا، ئۇلارنى ئوتقا تاشلاشقا كەلگەن لەشكەرلەرمۇ ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ ئۆلدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:22
10 Referans Kwoze  

ئۆزىگە قايتار رەزىلنىڭ ھەققانىيغا پىلانلىغان يامانلىقى، ۋاپاسىزنىڭ دۇرۇسقا قىلغان يامان نىيىتى.


ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار، يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار.


مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار: _ سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، _ دېيىشتى.


ھىرود خان ئۇنى ئىزدەشكە ئەمر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھىرود خان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قەيسەرىيە شەھىرىگە قايتىپ كەتتى.


يەھۇدا پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چېچىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.


_ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى.


ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.


ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite