Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئاندىن ئۇ ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى تىكلەنگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئەمر قىلدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:2
10 Referans Kwoze  

ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرى، بەدىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى.


ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا.


پادىشاھ ياروبئام يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى.


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى.


موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلار يىغىلىپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite