19 شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.
ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.
ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى.
خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.
سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.
ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.
مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن. ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى. سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار، ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك دەسسەپ مېڭىشتى.»
ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى، بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى.
پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى.
ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى.
لەشكەرلەر ئىچىدىكى قاۋۇل ئادەملىرىگە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى باغلاپ، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى.
ھامون موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.