17 ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاشقا ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.
شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ئادەملەردىن قورقما. مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى.
لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.
ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ، يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»
بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.
لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.
ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر. ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»
زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»
بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. شۇنداقلا فىلىستىيەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى. سائۇل: _ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى ۋە
مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.
سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.
ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،
ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.
ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.
خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان.
قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.
مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن. ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
مەن سېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قوغدايمەن ۋە زوراۋانلارنىڭ كۈچىدىن سېنى ئازاد قىلىمەن.
ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ: _ ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!
پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر سولانغان ئورەكدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلدى، ئۇ ساق-سالامەت ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى.
لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.
پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.