Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 3:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 3:15
25 Referans Kwoze  

پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!


ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاشقا ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر.


قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»


پىرئەۋن ئۇلارغا: _ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى.


لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا: - خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!


شۇڭا، سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا، سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!


كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن.


كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.


ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!


ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. بولمىسا، مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈكۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن، _ دېدى.


ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى.


سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ.


ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.


ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite