13 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى.
بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.
سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار، مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار.
تاشمۇ ھەم قۇممۇ ئېغىر، بىراق ئەخمەق كەلتۈرگەن ئازاب ئىككىسىدىنمۇ ئېغىر.
ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا.
بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.