ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە. _ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، _ دېدى پادىشاھ.