Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:9
17 Referans Kwoze  

ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.


ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، شۇندىلا بىز سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلىمىز. سىلەر، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلار.


مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.


بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.


ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، ۋەھىيلىرى يالغاندۇر. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ› دەپ تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلار مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى مېنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى كۈتىدۇ.


مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوس 62 ياشلاردا ئىدى.


سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.


ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭ ئىچىدىكى ئۆزى بىلگەنچە ۋەھىي توقۇيدىغان ئاياللار ھەققىدە سۆزلە، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.


راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


پادىشاھ: _ مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite