Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:7
5 Referans Kwoze  

ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى.


ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.


ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.


پادىشاھ: _ مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite