Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:6
8 Referans Kwoze  

پادىشاھ ۋارقىراپ، سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلىدۇ ۋە بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى.


شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى. ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.


ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگار بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى.


بالاق بىلئامدىن: _ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى.


موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite