Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:49 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

49 ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال يەنىلا پادىشاھنىڭ يېنىدا قالدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:49
12 Referans Kwoze  

ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.


قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى.


يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.


موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ياساۋۇل بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى.


ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.


خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.


ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە باش ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەرلەر ۋە باشقىلار بار ئىدى.


جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە.


پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ھاموننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن موردىكاي ئېگىلىپ تەزىم قىلمايتتى.


ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان بىر ئالتۇن ھەيكەلنى ياسىتىپ، ئۇنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە تىكلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite