دانىيال 2:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى48 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى. Gade chapit la |
كالىب جەمەتىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى.