Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

46 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:46
12 Referans Kwoze  

شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»~نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىللە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.


پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدۇم.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:


خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ: - بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! - دېيىشتى.


ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى.


سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.


جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite