دانىيال 2:45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى45 سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كەلگەن قورام تاشنىڭ تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. Gade chapit la |
ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. سەن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك خۇدايىمىزدۇرسەن. ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن بېرى پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، يەنى پۈتۈن خەلقىڭنىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەل قارىمىغايسەن.