Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

44 ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:44
38 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.


پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.


مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.


مەن ئۇ توكۇرلارنى ئاساسلىق خەلقىم قىلىمەن. مەن سۈرگۈن قىلغانلارنى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار شۇ كۈندىن باشلاپ سىئون تېغىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»


بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.


نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.


پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى.


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندۇر. سىلى تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا مۇنداق چۈش ۋە ئالامەتلەرنى كۆردىلە.


ئۇلار مەن خىزمەتكارىم بولغان ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىندا، يەنى ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىندا خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ، خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ.


مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.»


خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن: - مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.


ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.


سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، بىر قورام تاش ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.


شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.


تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارلاشمايدىغاندەك، ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.


مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.


مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.


سېنىڭ نەسلىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»


ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر. ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»


پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. چەۋەندازلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite