دانىيال 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى. Gade chapit la |
دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن».