Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، بىر قورام تاش ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:34
25 Referans Kwoze  

ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ.


ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.


بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز.


ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»


ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر، ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر، بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.


سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئىبارەت بۇ ئۇل تېشىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۇ ئۇل تېشى سىلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىكتۇر. لېكىن، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇل تېشى دەل مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىي ئۇل تېشى بولۇپ قالدى!» «بۇ تاش كىشىلەر پۇتلىشىدىغان تاش بولدى، ئادەمنى يىقىتىدىغان تاش بولدى.» ئۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بەلگىلەنگەن.


ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.


كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»~تۇر!


بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.


ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!


پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغاندۇر.


ئەي پىرئەۋن، سەنمۇ ھالاك بولىسەن، ئاشۇ خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە ياتىسەن.


ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى. سۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كېچىپ ماڭغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئۈزگىلى بولىدىغان بىر دەرياغا ئايلانغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite