Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:27
12 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئۆزىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەردۈرۈش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن،


مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.


مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.


ئۇلار: _ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: _ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، بارلىق ئىنسانلار سەندىن ئەيمىنىشى كېرەك. چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن. ئەللەرنىڭ ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن، ساڭا تەڭداش بولىدىغانلىرى يوقتۇر.


پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite