Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ): _ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:26
9 Referans Kwoze  

ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.


مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.


بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرتىپ كەلسىلە، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ.


ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم:


_ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچىدۇر، _ دېدى سائۇل.


پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.


مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى: تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite