Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»

Gade chapit la Kopi




دانىيال 2:23
33 Referans Kwoze  

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ بىز ئەرشتىكى خۇدادىن ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرنى يېشىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنەيلى، _ دېدى.


خۇدا مۇساغا يەنە: _ ئىسرائىللارغا: «مېنى ‹ياھۋەھ›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېگىن. ياھۋەھ مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىمدۇر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىمەن.


بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.


خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا، ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا.


خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.


بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.


مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.


دانالىق قورال-ياراغدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن بىر گۇناھكار ئادەم كۆپ ياخشى ئىشلارنى بۇزۇشى مۇمكىن.


دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.


ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار.


ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى، غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى.


ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.


مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.


ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!


داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!


كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي.


مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ.


ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.


شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.


بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.


سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى، رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ


ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.


ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite