2 شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئۆزىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەردۈرۈش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن،
پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
مەن بابىلدىكى بارلىق سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم.
پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.
تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
پادىشاھ ۋارقىراپ، سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلىدۇ ۋە بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى بولىدۇ.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان.
مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟
شۇ چاغلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى. شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ يېتىشكەن ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.
بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.
دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى.
فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن: _ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى.
نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.