17 ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار، يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى. ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.
دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن ئۆزىنى ۋە خانانيا، مىشائېل ھەم ئازاريالارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:
شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ياكى خەلق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان خۇدادىن باشقا خۇدا يوقتۇر، _ دېدى.