2 قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.
ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى قەبرەڭلاردىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كېتىمەن.
مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.
ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»
لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.
خۇمدانچىنىڭ بىر كاللەك لايدىن ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ياكى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاچا ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟
كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.
ئەقىل-ئىدرىكىگە قاراپ ئادەم ماختاشقا سازاۋەر بولار، ئەگرى ئوي-پىكىرلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماي قالار.