Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كېيىن قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىققا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:7
14 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بېشىغا كېلىدىغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى. ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق.


خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك، يىشاينىڭ يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا باش ۋە قۇيرۇقنى، يەنى خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.


ئۆمرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئالسۇن.


ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.


دەرەخ كېسىۋېتىلسىمۇ ئۈمىد بولىدۇ، ئۇ يەنە بىخلاپ چىقىدۇ، يۇمران شاخلىرى توختىماي ئۆسىدۇ.


بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. لېكىن قىز ئوردىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمايدۇ، پادىشاھمۇ ئوردىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا قىز، قىز بىلەن بىرگە كەلگەنلەر، قىزنىڭ بالىسى ۋە قىزغا ياردەم بەرگەنلەر خائىنلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرايدۇ.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite