44 كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.
بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ.
ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.
كىتتىملىقلارنىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قورقۇپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
جەنۇبتىكى پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.
ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇ لىۋىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ.
ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.