42 شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى.
ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ.
تۇتقۇن بولغانلىرىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا، يەنى مىسىرنىڭ جەنۇبىغا كېلىشىگە يول قويىمەن. ئۇلار ئۇ يەردە ئاجىز بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ.
ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇ لىۋىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ.