41 ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
لېكىن كېيىن مەن ئامموننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.
شىمالدىكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ.
بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ بارغانچە چوڭىيىپ، جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ، ئۆسۈپ باراتتى.
شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.