Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 خۇدانىڭ خەلقى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ئازغىنا ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:34
22 Referans Kwoze  

بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.


ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.


ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ.


مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.


چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ.


بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىشتۇر.


شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.


شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇداغا ساداقەتمەنلەر قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite