Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:27
24 Referans Kwoze  

يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.


چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ.


بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.


دەيدۇ ئۇلار ھەرخىل سۇيىقەست ئويلاپ چىقىپ: «مۇكەممەل پىلان تۈزدۇق بىرلىشىپ.» نېمىدېگەن سىرلىق ھە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


_ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىدىن بېشارەتتۇر.


تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى.


يامان نىيەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلىگەرلىك بولار. تىنچ-ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىق تاپار.


ياق، كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ قارار چىقىرىسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلار زوراۋانلىق قىلىسىلەر.


نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.


قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز.


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس.


بەلگىلەنگەن ۋاقىت كەلگەندە، شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھقا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ.


پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.


ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ ئۈزۈم تېلى ئەمدى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدىكەن!؟ ئەجەبا، كۆچەتنى تىككەن بۈركۈت ئەمدى ئۇنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ، يوپۇرماقلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالمامدىكەن!؟ ئۈزۈم تېلىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچلۈك قول ياكى زور بىر قوشۇن كېرەك ئەمەس.


كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.


ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.


_ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.


شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىدۇ. لېكىن ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.


جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite