26 ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ.
شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.
«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىللە تەخسىگە تۆگۈرگەن ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.
- ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى تەخسىگە مەن بىلەن بىللە تۆگۈرگەن كىشىدۇر.
زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.
ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن باش روھانىينىمۇ يوقىتىدۇ.
ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.
خازائېل ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ پادىىشاھى بەنھادادنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن: _ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى. خازائېل جاۋابەن: _ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى.