Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇبتىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبتىكى پادىشاھمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ، ئەمما جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز ئىچىدە ھەر خىل سۇيىقەستكە ئۇچرايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:25
6 Referans Kwoze  

پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان.


تېرىككەك جېدەل چىقىرار، سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.


شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.


جەنۇبتىكى پادىشاھ قۇدرەت تاپىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى تېخىمۇ بەكرەك قۇدرەت تېپىپ، شىمالدىكى پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite