Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بايلىقى مول يەرلەرگە تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:24
11 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟


ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.


چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر.


كۆپ كىشىلەر مەرد ئادەمدىن ئىلتىپات كۈتەر. ھەممە كىشى سوۋغات بەرگۈچىگە دوست تارتار.


پارا بىر تۇماردۇر ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە، نەگىلا بارسا ئۇ ئېرىشىدىغاندەك مۇۋەپپەقىيەتكە.


خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى.


ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى.


تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ؟ ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق؟ ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار. ئۇ دەل دەسلەپكى ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئىدى.


مەن ئۇلارنى ياخشى ئوتلاقلاردا يايلىتىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇلار ياخشى يايلاقلاردا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدىكى ياخشى ئوتلاقلاردا ئوتلايدۇ.


كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite