Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن باش روھانىينىمۇ يوقىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:22
11 Referans Kwoze  

شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.


بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.


ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.


لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.


ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار زېمىنغا تېگىپ كەتسە، زېمىننى ئېرىتىپ، زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قايغۇغا سالىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.


شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ، بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.»


سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق، بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ. بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز، بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.»


كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite