Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:21
17 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ خەلقى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ئازغىنا ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمايدۇ.


ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ۋە ھاكاۋۇردۇر. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.


سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ. مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن. مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.»


شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇداغا ساداقەتمەنلەر قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.


ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى پادىشاھلىقنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدار تەيىنلەپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختكە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ جەڭدە ئەمەس، سۇيىقەستتە ئۆلىدۇ.


كېيىن قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىققا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ.


بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ.


بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ بارغانچە چوڭىيىپ، جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ، ئۆسۈپ باراتتى.


مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇراتتىم. مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىرگە قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.


ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ. مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ.


پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.


تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار، غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.


مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى.


بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite