19 شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇنلىرى بىلەن زېمىنىدىكى ھەرقايسى قەلئەلەرگە چېكىنىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ھالاكەتكە ئۇچراپ ئۆلىدۇ.
سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىسەن، قايتا مەۋجۇت بولمايسەن. سېنى ئىزدىگەنلەر سېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا، ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا.
ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.
رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.
ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ.
زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ، بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ. زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ.
كېيىن قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىققا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ، ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ.
كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.