دانىيال 11:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 شىمالدىكى پادىشاھ پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، جەنۇبىي پادىشاھلىققا يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ جەنۇبتىكى پادىشاھنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. Gade chapit la |
بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.