Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھلىققا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنىڭ سېپىلىگە توپا دۆۋىلەپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:15
11 Referans Kwoze  

بابىل پادىشاھى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېرۇسالېمنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىگەندە، پىرئەۋننىڭ زور ۋە كۈچلۈك قوشۇنى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھىغا ياردەم بەرمەيدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.


ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.


بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. لېكىن قىز ئوردىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمايدۇ، پادىشاھمۇ ئوردىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا قىز، قىز بىلەن بىرگە كەلگەنلەر، قىزنىڭ بالىسى ۋە قىزغا ياردەم بەرگەنلەر خائىنلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرايدۇ.


مەن تېكىنىڭ قوچقارغا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇ شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدىكى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن قوچقارنى قۇتقۇزالمىدى.


زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.


مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ.


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.


ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبتىكى پادىشاھقا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite