Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 11:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 جەنۇبتىكى پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 11:11
13 Referans Kwoze  

مەن تېكىنىڭ قوچقارغا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇ شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدىكى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن قوچقارنى قۇتقۇزالمىدى.


جەنۇبتىكى پادىشاھ قۇدرەت تاپىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى تېخىمۇ بەكرەك قۇدرەت تېپىپ، شىمالدىكى پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ.


كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.


ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا.


مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى.


بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.


جەنۇبتىكى پادىشاھ دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite