1 مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغدىغانىدىم.
مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى.
مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوس 62 ياشلاردا ئىدى.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.
ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.
پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى.