7 بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەھىمىلىك ھېس قىلىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى.
مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمەپتۇ.
ئادەم: _ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرمۇ: «بەك قورقۇپ تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى.
سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!
_ ئەي ئادەم بالىسى، تامىقىڭنى تىترەپ تۇرۇپ يە، سۈيۈڭنى قورقۇپ تۇرۇپ ئىچ.
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟