5 ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.
ئاندىن شىمالدىكى يۇقىرى دەرۋازىدىن ئالتە ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، قوللىرىدا ئەجەللىك قورال بار ئىدى. ئارىسىدىكى بىرسى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغانىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشتى.
بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان.
يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار.
مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.