3 بۇ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، يەنى گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.
سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار.
سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.
ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمالىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلمايدۇ.
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.
ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.
پادىشاھ ئوردىغا قايتا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ نېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچى ئۇخلىمىدى.
ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، لەززەتلىك تائاملاردىنمۇ بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا بارغانىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تارتىپ تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە پۇتلىرىنى، كىيىملىرىنى يۇيمىغان ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى.
سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى.
ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما! سەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدادىن ئىلتىجا قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم.