دانىيال 10:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى. Gade chapit la |
گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئەمدى نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى.
دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.