10 تۇيۇقسىز بىر قول مېنى يۆلىدى، مەن تىزلىنىپ تۇردۇم، ئەمما پۇت-قولۇم يەنىلا تىترەيتتى.
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.
ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم!
ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن بېشىمنى يەرگە قويدۇم ۋە ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى ۋە مېنى تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.
ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى.