دانىيال 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى. Gade chapit la |
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن ئۇلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.
پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.