9 خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى.
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،
پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.
ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.
ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن.
پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە
ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.
بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.
ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.
ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.
خۇدا نامراتلارنى زوراۋانلارنىڭ قولىدىن، قىلىچتەك ئۆتكۈر تىللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
شۇنداق قىلىپ نامراتلارغا ئۈمىد بېرىپ، رەزىللەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.
ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا ئاجىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.
ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى.